كېررى سومالى رەھبەرلىرى بىلەن ئەششەباب توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش مەقسىتىدە سومالىغا يېتىپ باردى.

263461
كېررى سومالى رەھبەرلىرى بىلەن ئەششەباب توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېررى ئامېرىكىنىڭ سومالىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۇنجى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېسابلىنىدۇ؛ سومالى پىرېزىدېنتى شەيخ مەھمۇد كېررىنى ئايرودورۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە سومالىدا زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

جون كېررىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى نەزەردە تۇتۇلۇپ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئاشكارىلانمىغان سومالىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى پەقەت بىر قانچە سائەتلا داۋام قىلدى. ئۇ سومالىلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ئەششەباب تەشكىلاتى ئۆتكەن ئاي ئالدىنقى كۈنى كېررى ئېكسكۇرسىيە قىلغان كېنىيەدىكى گارىسسا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەدە كۆپ سانلىقى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، جەمئىي 147 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

جون كېررى، سومالىلىق مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان كېنىيەدىكى زىيارىتى ئەسناسىدا ئۇ دۆلەتكە 100 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. كېررى سومالىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جىبۇتىغا يۈرۈپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر