«قېچىشنى رەت قىلغان بەزى ئاياللار بىلەن بالىلار ئۆلتۈرۈلدى»

نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورچىلىرى ئەسكەرلەرنىڭ سامبىسا دالاسىدىكى لاگېرلارغا قاراتقان ھۇجۇم ئەسناسىدا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە قېچىشنى رەت قىلغان ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

260663
«قېچىشنى رەت قىلغان بەزى ئاياللار بىلەن بالىلار ئۆلتۈرۈلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆرۈدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قالايمىقانچىلىق ئەسناسىدا ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئاستىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. قۇتقۇزۇۋېلىنغان 214 قىز بالا بىلەن 61 ئايال بولسا، يولا ئۆلكىسىدىكى بىر لاگېردا بالنىستقا ئېلىندى.

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ سانى 700 دىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى چىبوك بازىرىدىكى مەكتەپلەردىن تۇتۇپ كېتىلگەن 270 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە ئىزدېرىكى يوق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر