پاكىستاندا بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىن 500 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان دەرا غازىخان شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

261007
پاكىستاندا بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا يەنە بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر نەپەر ئامانلىق خادىمىدىن باشقا، بىر قانچە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى يارىلاندى. ئەمما، ھۇجۇمنى پەيدا قىلغان كىشىلەر قېچىپ كەتتى.
پىشاۋۇر شەھىرىدە بەش ئاي بۇرۇن تالىبان پەيدا قىلغان مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، 153 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا، تۈنۈگۈن (3-ماي) بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا گۆرۈگە ئېلىنغان يەتتە ساقچى، بۈگۈن (4-ماي) ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە قۇتقۇزۇۋېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر