ئىراقتا زەنجىرسىمان بومبا ھۇجۇملىرى مەيدانغا كەلدى

ئىراق يەنە بىر قېتىم بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى؛ ھۇجۇمنىڭ تىغ ئۇچى باغداد ۋە دىيالادا پۇقرالارغا، فەللۇجەدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلدى.

259328
ئىراقتا زەنجىرسىمان بومبا ھۇجۇملىرى مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغدادتىكى شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر مەھەللىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم ئۆلدى، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. دىيالادا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبا پارتلاپ، 5 ئايال بىلەن 2 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى. فەللۇجەگە يېقىن بىر يەردە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ۋەقەدە 12 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بۇ دائىرىدە يەزىدى پارلامېنت ئەزاسى ماھما خەلىل بايانات بېرىپ، دائېش (ئى ش ئى د) نىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا تۇتۇپ كەتكەن يەزىدىيلاردىن يەنە 25 نى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقتا پەقەت ئاپرېل ئېيى ئىچىدىلا دائىشقا قارشى كۈرەشتە كۆپ سانلىقى پۇقرالار بولۇپ جەمئىي 812 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، باغدادتا زىيارەتتە بولغان كانا باش مىنىستىرى سىتېفېن ھارپىر ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئابادى بىلەن كۆرۈشۈپ، دائېشقا قارش كۈرەشتە ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىراققا يەنە 139 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن، 67 مىليون دوللار ياردەم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر