ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تۈركىيە مەكتۇبى يوللاندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى، پالاتا ئەزالىرىغا تۈركىيەنىڭ ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشكە قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن بىر پارچە مەكتۇپ يوللىدى.

255898
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تۈركىيە مەكتۇبى يوللاندى

مەكتۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى ۋىرجىنيە فوكس، ئېد ۋىتفىلد، دېموكراتلار پارتىيەسى سىتىۋ كوھېن ۋە گېرى كونىلى قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلدى.
مەكتۇپتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنىڭ ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە ئويناۋاتقان رولىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى؛ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئى ش ئى د مەنبەلىك تېررور تەھدىتىگە بىۋاسىتە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى، ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنىڭ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى، تۈركىيەنىڭ ئى ش ئى د گە قارشق كۈرەش دائىرىسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، قانۇنسىز ھالدا چېگرىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئورۇنۇۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىۋاتقانلار سانىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىخەتەرلىك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلىغانلىقى، ئىراق ھەم سۈرىيە مەسىلىلىرىدە «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لىدىرى» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
مەكتۇپتا يەنە، تۈركىيەنىڭ 2 مىليون ئەتراپىدا سۈرىيەلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىنسانىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش مەسىلىسىدە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە سېخىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر