نىگېرىيەدە 293 قىز - ئايال بوكو ھارامنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىۋېلىندى

نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ قولىدىن 200 قىز بالا بىلەن 93 ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

254326
نىگېرىيەدە 293 قىز - ئايال بوكو ھارامنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇتقۇزىۋېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن يىلى چىبوك شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتىن گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان 276 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بار يوقلۇقى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرلەر بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بوكو ھارامنىڭ سامبىسا دالاسىدىكى 4 لاگېرىنى قولغا چۈشۈردى.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، قۇتقۇزىۋېلىنغانلارنى ھەم سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزدى ھەم كىملىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

بوكو ھارام قوراللىقلىرى ئۆتكەن يىلى 14- ئاپرېلدا دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق چىبوك شەھىرىدىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 276 قىز ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان، ئارقىدىن قاماقتىكى بوكو ھارام قوراللىقلىرى قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان قىزلاردىن 57 سى تەشكىلاتنىڭ قولىدىن قېچىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نىگېرىيە چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان كارامگا ئارىلى ھەپتە ئاخىرىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 18 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 46 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر