شىنزۇ ئابى بىر ھەپتىلىك زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئامېرىكىدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

252683
شىنزۇ ئابى بىر ھەپتىلىك زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋاشىنگتوندا شىنزۇ ئابى بىلەن سابىق پىرېزىدېنتلاردىن ئابراھام لىنكولىننىڭ خاتىرە سارىيىنى بىرلىكتە زىيارەت قىلدى.
شىنزۇ ئابىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا كونگرەسىدە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى كۈتۈلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ياپونىيە – ئامېرىكا ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىمگە قويىدۇ.
بۇ جەرياندا، ئامېرىكا – ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى.
مۇتەخەسسىسلەر ۋاشىنگتوننىڭ بارغانسېرى يۈكسېلىۋاتقان خىتاينىڭ قارشىسىدا ياپونىيەنى قوللاپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەڭپۇڭلۇقتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر