يەمەندە بىر ئاي ئىچىدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ بومباردىمانلىرىدا 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

248709
يەمەندە بىر ئاي ئىچىدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر ئايدا 115 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھاۋا ھۇجۇمى بولسا، ئىزچىل داۋاملاشقان.
يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە جەنۇبتىكى بەزى شەھەرلەرگە قىلغان ھاۋا بومباردىمانىدا ئالتە پۇقرا ۋە 23 قوراللىق ھۇسىي ئەزاسى ئۆلدى. يېڭى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن نېفىت باھاسى 65 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.
ھۇسىي ئەنسارۇللاھ تەرەپدارلىرى سانئادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ھۇسىي رەھبەرلىرى بولسا، ب د ت باشچىلىقىدا تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر