ئافغانىستان پىرېزىدېنتى غېنى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئەشرەف غېنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا قاراتقان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

241690
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى غېنى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا تېھرانغا يېتىپ كەلگەن غېنى، ئىرانلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

غېنىغا بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھۇددىن رەببانى، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئەتمار ھەنفى، مالىيە مىنىستىرى ئىكىل ھاكىمى، كان ۋە نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى شاھ سابا، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر مەسئۇل مىنىستىر ھۇسەيىن ئالىمى بەلخى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ھەمراھ بولماقتا.

2014 – يىلى 14 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئەشرەف غېنىنى ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر