خىتاينىڭ مەخپىي ئايروپىلان ئىستانسىسى ئاشكارىلىنىپ قالدى

خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلىق رايونغا جايلاشقان مارجان قىيالىقلىرىغا ئايروپىلان ئىستانسىسى ياسىغانلىقى پاش بولدى.

240428
خىتاينىڭ مەخپىي ئايروپىلان ئىستانسىسى ئاشكارىلىنىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ مەخپىي لايىھەسى ئاشكارىلىنىپ قالدى
خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلىق رايونغا جايلاشقان مارجان قىيالىقلىرىغا ئايروپىلان ئىستانسىسى ياسىغانلىقى پاش بولدى.
سۇنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان ۋە خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنغان رەسىملەردە خىتاينىڭ ئايروپىلان ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشكە ئاز قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ مەخپىي لايىھە سەۋەبىدىن خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
سۇنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان ۋە خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنغان رەسىملەر خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش – تارتىشلىق رايونغا ياسىغان مەخپىي ئايروپىلان ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشكە ئاز قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، (Spratly) ئارىلىدىكى (Fiery Cross) قىيالىقلىرىنىڭ قۇم ۋە بېتون بىلەن بوشلۇقلىرى تولدۇرۈلغاندىن كېيىن، ياساپ چىقىلغان بۇ مەخپىي ئايروپىلان ئىستانسىسى كۆلىمىنىڭ 3 كېلومېتىر كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭغا ئاسىيا دۆلەتلىرى نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ دېڭىزنى قۇم ۋە بېتون بىلەن تولدۇرۇپ، سۈنئىي قۇرۇغلۇق يارىتىشىغا نىسبەتەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نارازىلىقلار خىتاينى توسۇپ قېلىشقا يېتەرسىز قالماقتا.
ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بەزى ئاخبارات ئورگانلىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئايروپىلان ئىستانسىسىنى ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر