نۇجەيفى: دائېش 300 سابىق ساقچى ۋە ئوفېتسىرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

ئىراق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئۇسامە نۇجەيفى، دائېش (ئى ش ئى د) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلدا يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە سابىق ساقچى ۋە ئوفېتسىرلاردىن تەشكىل تاپقان 300 كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

237537
نۇجەيفى: دائېش 300 سابىق ساقچى ۋە ئوفېتسىرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئۇسامە نۇجەيفى، دائېش (ئى ش ئى د) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلدا يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە سابىق ساقچى ۋە ئوفېتسىرلاردىن تەشكىل تاپقان 300 كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇجەيفى پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە پۇقرالارنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە (كورد ئەسكەر) لەرنىڭ 10- ئىيۇلدا دائېشنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن مۇسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش بىرلەشمە ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن نۇجەيفى، بۇ جەھەتتە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى مۇسۇل شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ چۈشىنىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر