ئامېرىكىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكىدا بىر خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

230657
ئامېرىكىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى، مەزكۇر خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ ئىندىئاناپولىستىن قوزغىلىپ بلۇمىڭتون شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلاندا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېت تەنتەربىيە كۇلۇبلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ قايتقان بەزى ترېنېر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرمۇ بار ئىكەن.

نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر