ۋاشىنگتوندا ئېلېكتىر توختاپ كەتتى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ بەزى مۇھىم جايلىرىدا ئېلېكتىر توختاپ قالدى.

230579
ۋاشىنگتوندا ئېلېكتىر توختاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كونگرە قاتارلىق كۆپلىگەن رەسمىي بىنالار بەزى جايلاردا يۈز بەرگەن ئېلىكتىر كېسىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارى خارف تۇيۇقسىز ئېلېكتىر توختاپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلار ئېلېكتىر توختاپ قالغاندا تارتقان رەسىملىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. نۇرغۇنلىغان فېدېراتسىيە بىنالىرىدىمۇ ئېلېكتىر توختاپ كەتتى، شەھەردىكى مېترو قاتنىشى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىدى.
مەسئۇل دائىرىلەر، ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدىكى 8 مىڭ ئادەم تەسىرگە ئۇچرىغان بۇ ۋەقەنىڭ مارىلاند ئىشتاتىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتوندىكى ئېلېكتىر توختاپ قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر