سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدا ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي

چېگرادا 96 يىزا بوشېتىلدى ۋە 150 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

230218
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدا ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتتى.
كاتىف رايونىدىكى ئاۋامىيە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئوق ئېچىلىشى سەۋەبىدىن 1 ساقچى ئۆلۈپ، 3 ساقچى يارىدار بولدى.
چېگرادا 96 يىزا بوشېتىلدى ۋە 150 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى ئۇرۇشتىن قاچقانلارنىڭ بوشېتىلغان يېزىلاردىكى ئۆيلەرگە ئورۇنلىشىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوش ئۆيلەرنى ئۈرنپ تاشلاش قارارى ئالغانلىقىنى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يېزىلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى بولسا، شەھەر مەركەزلىرىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر