پاكىستان - ئىران چېگراسىدىكى ھۇجۇمدا 8 ئىران ئەسكىرى ئۆلدى

پاكىستان – ئىران چېگراسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 8 ئىران ئەسكىرى ئۆلدى.

228767
پاكىستان - ئىران چېگراسىدىكى ھۇجۇمدا 8 ئىران ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران دائىرىلىرى، سىستان – بېلۇجىستان چېگرا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇم ھەققىدە بايانات بېرىپ، «پاكىستان تەرەپتىن دۆلىتىمىزگە كىرگەن تېررورچىلار 8 ئەسكىرىمىزنى ئېتىپ ئۆلتۈردى» دېدى.

ھۇجۇمچىلار ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان تەرەپكە قاچتى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان ‹جەيشۇل ئەدل› ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىران، ھۇجۇمچىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈپ تېھرانغا تاپشۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر