ئوباما كېنىيە پىرېزىدېنتىغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما كېنىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گارىسسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن كېنىيە پىرېزىدېنتى ئۇھۇرۇ كېنياتتاغا تەزىيە بىلدۈردى.

225211
 ئوباما كېنىيە پىرېزىدېنتىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما، كېنىيە پىرېزىدېنتى كېنياتتاغا تېلېفون قىلىپ، ئالدىنقى كۈنى گارىسسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆزى ۋە رەپىقىسى مىشېل ئوباما نامىدىن تەزىيە بىلدۈردى.
باراك ئوباما، تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن سىرت يەنە، كېنىيە ۋە رايون ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
كېنىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گارىسسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالدىنقى كۈنى ئەششەباب مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 145 كىشى قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر