ئىسلامئاباد بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا قورال سودىسى كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ

پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن سەككىز سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، 4-5 مىليارد دوللار قىممىتىدە كېلىشىم ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا.

221937
ئىسلامئاباد بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا قورال سودىسى كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاينانشىيال تايمىز گېزىتىنىڭ بۈگۈن (پەيشەنبە) كى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن سەككىز سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، 4-5 مىليارد دوللار قىممىتىدە كېلىشىم ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر كېلىشىم ئىمزالانسا، بۇ خىتاينىڭ چەت ئەل بىلەن تۈزگەن ئەڭ چوڭ قورال سودىسى كېلىشىمى بولۇپ قالىدىكەن.

گېزىت، پاكىستان پارلامېنتى مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىكى سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا، قارارنىڭ ‹پىرىنسىپ جەھەتتىن› قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى.

پاكىستاندا چىقىدىغان ‹داۋن› گېزىتى تۈنۈگۈن (چارشەنبە كۈنى) كى سانىدا، خىتاي بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى يازغانىدى.

خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇردى.
خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدا كۈچلۈك مۇداپىئە مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، بېيجىڭ تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىسلامئابادقا يۇقىرى مىقداردا ئەسكىرىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر