بېيجىڭ ئامېرىكا F-18لىرىنىڭ تەيۋەنگە قونۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان شەكىلدە رەسمىي ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن تەيۋەنگە قونغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

222855
بېيجىڭ ئامېرىكا F-18لىرىنىڭ تەيۋەنگە قونۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكىنىڭ F-18 تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈنۈگۈن (چارشەنبە) تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي بازىغا قونغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە مەزكۇر ئىككى ئايروپىلاننىڭ قەيەردىن كەلگەن ياكى قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «نارازىلىقىمىزنى ئامېرىكا تەرەپكە رەسمىي يۇسۇندا بىلدۈردۇق» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ‹بىر جۇڭگو› سىياسىتىگە رىئايە قىلىشىنى، بۇ رېئاللىققا سەزگۈر ۋە مۇناسىپ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1979- يىلى تەيبېي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ‹تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن› نىڭ روھىغا ئاساسەن، تەيۋەننىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەم قىلىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى؛ تەيۋەن – ئامېرىكا ئەسكىرىي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ئالاقە ئورنىتىشى دېگەندەك مەسىلىلەر بېيجىڭنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بېيجىڭ – ۋاشىنگتون ياكى بېيجىڭ – تەيبېي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزچىللىقىغا تەسىر يەتكۈزمىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننى بۆلۈنىۋالغان بىر رايون، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر