بان كىمۇن ئىراق مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن، ئىران ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئىراقتىكى مەزھەپ ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

221790
بان كىمۇن ئىراق مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولغان بان كىمۇن ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۇسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراقنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشىغا سەھنە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىران ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىراقنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشى بولۇۋاتقان بىر رايونغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراندىن مىللىي يارىشىش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان بان كىمۇن، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈنمۇ دىيالوگ ۋە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ب د ت نىڭ ئىراق تارمىقى دوكلات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىكى توقۇنۇشلار ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە مارت ئېيى ئىچىدە 997 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 2172 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ ئۆلگەنلەرنىڭ 729 نىڭ، يارىلانغانلارنىڭ 1785 ىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر