ئىران: سەئۇدى ئەرەبىستان ‹ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق› ئۆتكۈزدى
ئىران يەمەندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۇسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھ، يەمەندە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا چاقىردى. ئىراننىڭ ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئالاقە ئورناتقان ياكى ئورناتمىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا «تىرىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئابدۇللاھ، ھەربىي ھەرىكەتكە ‹ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق› دەپ باھا بەردى.
ئىران يەمەندە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەمەنگە ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئەۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەۋەتىلگەن نەرسىلەرنىڭ قەيەرگە تاپشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇئۇد ئەلفەيسال بولسا، ئۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ باشلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ يەمەندە مۇقىملىق كۈچكە ئىگە بولغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ جەرياندا پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى كاۋاجا ئاسىف، ھەربىي ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن رىيادقا كەتتى.
پاكىستانلىق مىنىستىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان خەۋپنىڭ، ئىسلامئابادنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.