پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ۋە خىتايدا يەر تەۋرىدى

ئافرىقىغا جايلاشقان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە 7.7 بال، خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

287812
پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ۋە خىتايدا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىي يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان رابائۇل بازىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىي يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 1000 كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان جايلارنى دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاگاھلاندۇرۇشتا، رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە نىسبەتەن تەييارلىقتا بولۇشى تەلەپ قىلىندى.
خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان گۇيجۇ ئۆلكىسىدىمۇ 5.5 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ گۇيجۇنىڭ جيەنخې رايونى ئىكەنلىكى ۋە يەر تەۋرەشنىڭ يەردىن 7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر