غەززەدە 400 مىڭ نارەسىدە بالا پىسخولوگىيەلىك ياردەمگە موھتاج

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى ماكارىم ۋىبىسونو، غەززە ھۇجۇملىرى جەريانىدىكى پۇقراۋى ئۆلۈملەر ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىپ قىلمىغانلىقى مەسىلىسىدە گۇمان تۇغدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

279684
غەززەدە 400 مىڭ نارەسىدە بالا پىسخولوگىيەلىك ياردەمگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىبىسونو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇلتۇر غەززەدە ئۇدا 7 ھەپتە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ۋەيرانچىلىقلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ۋىبىسونو، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ ئىشلىتىشى، پەلەستىنلىكلەرنى ئاممىۋى ھالدا تۇتقۇن قىلىشى ۋە ناچار مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋىبىسونو، 7 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك بالىنىڭ بۇلتۇر ياز ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قورسقىدىن يارىلانغانلىقىنى، يۈزلەرچە نارىسىدە بالىنىڭ بۇ كىرىزىس تۈپەيلى ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ۋىبىسونو، پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ ناھايىتى قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن غەززەلىك 400 مىڭ بالىنىڭ پىسخولوگىيەلىك ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى  مەھمەت فەردەن چارقچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق بىر پىلان دائىرىسىدە بىرلىشىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
چارقچى، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قانۇنسىز غەززە قورشاۋى ۋە چەكلىمىلەر خەلقئارالىق غەززەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزمەكتە.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېڭەشتە ھەردائىمقىغا ئوخشاش ئىسرائىلىيەنى قوللاپ نۇتۇق سۆزلىمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر