بەششار ئەسەد قىسىملىرى دەرئاغا باشقۇرۇلىدىغا بومبا ئاتتى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن دەرئا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

277065
بەششار ئەسەد قىسىملىرى دەرئاغا باشقۇرۇلىدىغا بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد قىسىملىرى دەرئانىڭ ئىنىھال رايونىدىن ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر بىناغا تەگدى. ۋەقەدە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. سۈرىيەلىك ئۆكتىچى پائالىيەتچى ئىماز ئەززايېد ئىنھال مەيدانى دوختۇرخانىسىغا كۆپىنچىسى كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 15 تىن ئارتۇق يارىدارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى توپقا تۇتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
ئەل نۇسرا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا سۈرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرىنى ئەسىر ئالدى. بەششار ئەسەد قىسمىغا ئائىت تىك ئۇچار ئەل نۇسرانىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا چۈشۈپ كەتتى، تىك ئۇچاردىكى ئالتە ئەسكەردىن بىرى ئۆلدى، بىرى ئەل نۇسرا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، قالغان تۆتى ئەسىر ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر