خىتايدا يەنە بىر ئەمەلدار پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى (CNPC) نىڭ باشلىقى جياڭ جېمىن پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تاپشۇرۇلدى.

272563
خىتايدا يەنە بىر ئەمەلدار پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە پارا ئېلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن جياڭ جېمىن ھەققىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن باشلانغان تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە، جياڭ جېمىننىڭ خۇبېيدىكى خەنجياڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. جياڭ جېمىننىڭ يەنە، پارا ئېلىپ، جامائەت مال – مۈلكىگە چوڭ زىيان سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەندى، ئەمما سوتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
جياڭ جېمىن 2013 – يىلى كوممۇنىستىك پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. جياڭ جېمىن جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدە 2004 – يىلدىن 2008 – يىلغىچە باش مۇدىر ۋە دىرېكتور قاتارلىق ھەر خىل ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ 2011 – يىلدىن 2013 – يىلغىچە باش دىرېكتور بولغان. 2012 – يىلى 18 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ھازىر 60 ياش بولۇپ، 2013 – يىلى مارتتا جامائەت مال – مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر