ئىران بىلەن ئامېرىكا يادرو پىلانى مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئارىسىدىكى يادرو پىلانى مۇزاكىرىلىرى قايتىدىن باشلىدى.

265296
ئىران بىلەن ئامېرىكا يادرو پىلانى مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن بۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ؛ مۇزاكىرىنىڭ 19- مارت پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە.

مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان ئەھۋالدا، يادرو پىلانى مۇزاكىرىلىرىدىن ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش مۇساپىسىنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىش ئەندىشى تۈپەيلى يېقىنقى كۈنلەردە مۇزاكىرىلەرنىڭ سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى.

ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا دائىر ئاخىرقى قېتىملىق مۇزاكىرە 3- مارتتىن 5- مارتقىچە شىۋېتسارىيەنىڭ مونترو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇددىتى 2015- يىلى 1- ئىيۇلغىچە ئۇزارتىلغانىدى.

ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر 31- مارتقىچە تەييارلىق كېلىشىمى ماھىيىتىدە بىر رامكا كېلىشىمى تۈزۈپ چىقىشنى خالايدۇ.

بۇ جەرياندا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى؛ سەئۇدى ئەرەبىستان شاھلىق ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئىران بىلەن ئىمزالىنىدىغان يادرو كېلىشىمىنىڭ رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا يادرو يېقىلغۇ ئىلشەپچىقىرىش رىقابىتىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوران قويۇقلاندۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇ جەھەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر