ئامېرىكا: سۈرىيە سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف، دۆلىتىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

265565
ئامېرىكا: سۈرىيە سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف، دۆلىتىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى ۋە سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشلىرىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى، ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى CBS نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۈرىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەسەد بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى ۋە سۈرىيە لىدېرىغا مۇزاكىرىلەرنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

مارىيە ھارف، كېررىنىڭ سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىپ، «كېررى مۇساپىگە دائىر سىياسىتىمىزنى تەكرار تىلغا ئالدى، ئەسەد بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى ئېيتمىدى. سۈرىيە ھاكىمىيىتىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان مۇزاكىرە مۇساپىسىگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئەسەد بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىغان نېمە ئىش بار؟ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن بىر تۈزۈم بىلەن نمېە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىسىز؟» دەپ سوئال قويدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر