نورۋېگىيە ئەرمېنىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى... تۈركىيەنى تاللىدى

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ، 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ 100- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

265570
نورۋېگىيە ئەرمېنىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى... تۈركىيەنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسياننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان سولبېرگ، ئۆزلىرى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ھەقتە تۈركىيە قانچە قېتىم ئارخىپلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە بىتەرەپ تارىخچىلارنىڭ ئارخىپلارنى تەكشۈرۈشى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن، ئەرمېنىيە بۇنىڭغا قەتئىي يېقىنلاشمىدى. مېنىڭچە بۇ پەقەت تارىخچىلارنىڭ تېمىسى، سىياسىي دەسمايە قىلىنماسلىقى لازىم.»

نورۋېگىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەسلىھەتچىسى بائارد پېدېرسېنمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تارىخىي مەسىلىلەردە قارار چىقىرىشنى تارىخچىلارغا قويۇپ بېرىش كېرەكلىكى» نى ئەسكەرتتى ۋە «بۇ يېقىنقى يىللاردا كۆپ دەتالاش قىلىنغان بىر مەسىلە. لېكىن، نېمىنىڭ قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىپ ھېسابلانمايدىغانلىقى ب د ت قارارلىرى بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەسىلىگە باھا بېرىشنى تارىخچىلارغا قويايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر