پاكىستان لاھۋىنىڭ قاماق جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

بۇ قارار تۈپەيلى پاكىستان - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچار ھالغا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

262750
پاكىستان لاھۋىنىڭ قاماق جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە 2008 – يىلى يۈز بەرگەن ۋە 166 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررولۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان زاكىرۇررەھمان لاھۋىنىڭ قاماق جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ئالدى.
قارارنىڭ سەۋەبى كېيىنچە ئېلان قىلىنىدىغان بولدى.
بۇ قارارغا بىنائەن تېررورلۇق گۇماندارى لاھۋىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە يول ئېچلغانلىقى بىراق لاھۋىنىڭ شۇنداقتىمۇ ھازىرچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سوت مەھكىسىمىسىنىڭ بۇ قارارى تۈپەيلى ئۇزۇندىن بۇيان بۇزۇق ھالەتتە تۇرىۋاتقان پاكىستان - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچار ھالغا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ھىندىستان 2008 – يىلىدىكى ھۇجۇمدا پاكىستاندىكى لەشكەرى تەييىبە تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ھىندىستان لاھۋى بىلەن باشقا 6 نەپەر گۇماندارنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر