ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 8 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پات – پات پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، يوقىلاڭ باھانىلار بىلەن تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

258354
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 8 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىدار بولغان بىر نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
يەرلىك مەنبەلەردىن ئېگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى تۈپەيلى قورسىقىدىن يارىدار بولغان ۋە نابلۇستىكى رېفىدىيا دوختۇرخانىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋالىنىۋاتقان 45 ياشلىق ئۆمەر ساباھ بۈگۈن ئەتىگەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان نەبى سالىھ ۋە ئەل خەلىل شەھەرلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، 8 كىشىنى قولغا ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن خەلق ئاممىسىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلاستىك ئوق بىلەن مۇداخىلە قىلدى. مۇداخىلە جەريانىدا بەزى پەلەستىنلىكلەر نەپەس ئالالماي ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پات – پات پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، يوقىلاڭ باھانىلار بىلەن تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر