ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىگە ئىككى دۆلەتلىك چارە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىموننىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچىسى جېفرېي فېلتمەن، ھەلەبتە توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش پىلانىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

258382
 ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىگە ئىككى دۆلەتلىك چارە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېلتمەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالدى.
فېلتمەن، سۈرىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىنىڭ خەلقنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى يەڭگىللىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ ۋەزىپىنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى قەيت قىلغان فېلتمەن، «ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان باياناتلارغا قارىغاندا، پىلان كۆڭۈلدىكىدەك ئىجرا قىلىنمايۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى مۇستۇرانىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن فېلتمەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتكە تېخىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى يتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىش چارىسى توغرىلىقمۇ توختالغان فېلتمەن، ئىككى دۆلەتلىك چارە سىرتىدىكى يوللارنىڭ «تاللاش خاراكتېرلىك يوللار» ئەمەسلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭمۇ ئىككى دۆلەتلىك چارىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر