بىر تۈرك ياش شىۋېتسىيەدە قەھرىمان ئېلان قىلىندى

شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىمدا ياشايدىغان مۇرات ئەردال ئىسىملىك 20 ياشلىق تۈرك ياش، شىۋېتسىيەلىك بىر قىزنى ئۆلۈۋېلىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قەھرىمانغا ئايلاندى.

257678
بىر تۈرك ياش شىۋېتسىيەدە قەھرىمان ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ساقچى دائىرىلىرى ئىنتېرنېت تور بېتىدە مۇرات ئەردال قۇتقۇزۇۋالغان قىزنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە تۈركىيەلىك ياشتىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى. شىۋېتسىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان گېزىتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى باش سەھىپىدىن تارقاتتى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۇرات ئەردال ستوكھولىمنىڭ فلېمىڭسبېرگ رايونىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا، قولىدا قان ئىزى بار 17 ياشلىق بىر قىزنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ۋە پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تەسەللىي بېرىشكە تىرىشقان ۋە ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، قىز پەسكويغا چۈشۈپ، ئۆلۈۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن. بۇ جەرياندا مۇرات ئەردال ساقچى چاقىرغان ۋە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.
كونيادىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن مۇساپىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان مۇرات ئەردال، بۇ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىنى ۋە تۇرمۇشتا كۆپ شەپقەت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر