توكيو بومباردىمانىنىڭ 70 – يىللىقى خاتىرىلەندى
1945 – يىلى 10 – مارت ياپونىيە پايتەختى توكيونىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقى مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە پايتەختى توكيودا 105 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋە شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بومباردىمان خاتىرىلەندى.
ئۇرۇش قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىمپېراتور خىروخىتونىڭ نەۋرىسى شاھزادە ئاكىشىنو، باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ۋە قۇربانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى قاتناشتى. بومباردىماندا قۇربان بولغانلار ئۈچۈن كۈجە يېقىلدى، قەبرىلىرىگە گۈلچەمبىرەكلەر قويۇلدى.
1945 – يىلى 10 – مارت ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 344 دانە B-29 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى توكيونى «قورال مەركىزىي» دەپ قاراپ سائەتلەرچە ناپالم بومبىسى تاشلىغان. تاشلانغان بومبىلارنىڭ ئېغىرلىقى 700 توننا كېلىدىغان بولۇپ، بومبادىماندا پەيدا بولغان چاڭ – توزاننىڭ ئېگىزلىكى 7 مىڭ مېتىرغا يەتكەن.
توكيو بومباردىمانىدا نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، خىروشىما ۋە ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ كۆلەڭگىسىدە قالغان ئىدى.
توكيو بومباردىمانى ئەينى ۋاقىتتا، ئۇرۇش تارىخىدا بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ھۇجۇم، دەپ يېزىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.