دانىيەدە يەنە بىر ھەجۋىي رەسىم سەتچىلىكى يۈز بەردى

دانىيەدە ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھەجۋىي رەسىمنى تارىخ ياكى دىن دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

254926
دانىيەدە يەنە بىر ھەجۋىي رەسىم سەتچىلىكى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدە 2005-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەجىۋىيلەشتۈرۈپ سىزىلغان رەسىمگە ئىسلام دۇنياسى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. بۇ نۆۋەت يەنە بىر سەتچىلىك يۈز بەردى.
دانىيە ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان بۇ رەسىمنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش دەرسىلىكىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ تارىخ ياكى دىن دەرسلىرىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيۇشمىنىڭ بۇ تەكلىپىگە، بەزى سىياسىي پائالىيەتلەرمۇ ئاۋاز قوشتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەجۋىيلەشتۈرۈلۈپ سىزىلغان رەسىم 2005-يىلى گېزىتتە بېسىلغاندا، پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى دانىيە باش مىنىستىرى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن، بۇ سەتچىلىكنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋەقەسى، دەپ تەرىپلىگەنىدى.
فېۋرال ئېيىدا پايتەخت كوپېنھاگېندا، بۇ ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزغان كىشى قاتناشقان بىر يىغىنغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 1 ئادەم ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر