«دائېش»، تىكرىتتا نېفىت قۇدۇقىغا ئوت قويۇپ بەردى

ھەربىي ھەرىكەت باشلانغىنىغا 4 كۈن بولغان ئەمدىكى ۋەزىيەتتە تىكرىتتىكى پۇخرالارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنماقتا.

251588
«دائېش»، تىكرىتتا نېفىت قۇدۇقىغا ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى «دائېش»، شىئە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىرانمۇ قوللاپ ياردەم قىلىۋاتقان ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تىكرىتنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكتى تۈپەيلى تەس كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
تەخمىنەن 30 مىڭ كىشلىك قىسىم تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان تىكرىت شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى «دائېش»نىڭ ئەزالىرى، ھەربىي ھەرىكەتتە تىك ئۇچارلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرگە يېقىن جايدىكى نېفىت قۇدۇقىغا ئوت قويۇپ بەردى.
ھەربىي ھەرىكەت باشلانغىنىغا 4 كۈن بولغان ئەمدىكى ۋەزىيەتتە تىكرىتتىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەردىن قېچىپ چىققانلىقى تەخمىن قىلىنغان مىڭلىغان كىشىگە ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى.
تىكرىتنىڭ كونتىروللۇقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى «دائېش»تىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرلىۋاتقان ھەرىكەتكە ھەربىي جەھەتتىن ھېچقانداق ياردەمدە بولمىغان ئامېرىكنىڭ، ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بىر ھەرىكەتنىڭ باشلىشى ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە
يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شاھىزادە سۇئۇد ئەل فەيسەل بىلەن كۆرۈشۈپ، «دائېش»قا قارشى كۈرەشتە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى ھەرىكەتكە سېلىشنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر