د س ت، شېكەر ئىستېمالىنى ئازايتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (د س ت) شېكەر ئىستېمالىنى ئازايتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
249738
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، بىر كۈندە 25 گرام يەنى ئالتە چاي قوشۇقىدىن ئاز شېكەر ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن. ئېھتىياجدىن ئارتۇق شېكەر ئىستېمال قىلىشنىڭ يۆرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.
ئىگىلىنشىچە، شېكەر ئىستېمالى دۇنيادا بارغانچە ئومۇملىشىۋاتقان سېمىزلىك كېسىلىنىمۇ غىدىقلايدىكەن. نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا 600 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سېمىزلىق كېسىلىگە مۇپتىلا ئىكەن. سەمىرىپ قالغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.