سېئولدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك لىپېرت پايتەخت سېئۇلدا پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

248805
سېئولدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر يىغىن جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا باش ئەلچى لىپېرتنىڭ يۈزى ۋە بىلىگى يارىلاندى. 42 ياشلىق باش ئەلچى لىپېرتنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، ھاياتى خەۋپىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە مېدىياسى، ھۇجۇم ئەسناسىدا ‹جەنۇبىي كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە بىرلىشىشى كېرەك› دەپ ۋارقىرىغان ھۇجۇمچى كىم كى جوڭنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. پىرېزىدېنت باراك ئوباما مارك لىپېرتقا تېلېفون ئېلىپ، ھال سورىدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پارك گېئۇن خېمۇ بايانات بېرىپ، يالغۇز ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىلا ئەمەس، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنمۇ نىشانغا ئالغان بۇ ھۇجۇمنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر