خىتايدا بىر ئاپتوبۇس تاغدىن غۇلاپ چۈشتى

ۋەقەدە 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 13 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، يارىدارلارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

246589
خىتايدا بىر ئاپتوبۇس تاغدىن غۇلاپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا بىر ئاپتوبۇسنىڭ تاغدىن غۇلاپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنچاۋ شەھىرىدە ئوپىرا ئەترىتىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچى ئاپتوبۇسىنىڭ تاغدىن غۇلاپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەدە 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 13 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، يارىدارلارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر