ھەر كۈنى بىر سائەتتىن كۆپ مۇزىكا ئاڭلاش قۇلاقنى گاس قىلىدۇ

ھەر كۈنى بىر سائەتتىن كۆپ مۇزىكا ئاڭلاش قۇلاقنى گاس قىلىپ قويىدۇ.

242951
ھەر كۈنى بىر سائەتتىن كۆپ مۇزىكا ئاڭلاش قۇلاقنى گاس قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۈندە بىر سائەتتىن كۆپ مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. تەشكىلات بىر مىلىياردتىن كۆپ ياشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇزىكا ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، قۇلاق پۈتۈپ قېلىش خەتىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-35 ياشلار ئارىسىدىكى 45 مىليون كىشىنىڭ قۇلىقى پۈتۈن قالغان، شۇنداقلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئىكەن.
دوختۇر ئېتيېن كىرۇگ، كۈندە بىر سائەت مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئاۋازىنى يۇقىرى ئېچىپ قويۇلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇنىڭ زىيىنى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەشكىلات قۇلاقلىرىنى ئاسىرماقچى بولغانلارغا شاۋقۇن-سۈرەنلىك يەرلەردە سىرتتىكى ئاۋازنى توسوۋېتىدىغان تىڭشىغۇچ تاقىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاۋاز تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىنىدىكەن.
شۇنداقلا شاۋقۇن-سۈرەلىك يەرلەردە پات-پات «جىمجىت يەرلەرگە چىقىپ دەم ئېلىش» ۋە مۇزىكىلىق مۇھىتلاردا ياڭراتقۇلاردىن يىراق تۇرۇش»مۇ تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر