ئەھمەدى نېجاد ئابدۇللاھ گۈلنى زىيارەت قىلدى

ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نېجاد، 11 – جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنى زىيارەت قىلدى.

241081
ئەھمەدى نېجاد ئابدۇللاھ گۈلنى زىيارەت قىلدى

تارابيا سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر ئىران – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئەھمەدى نېجاد، سابىق باش مىنىستىرلاردىن نەجمەتتىن ئەرباقان ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 4 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتە بۇرسادا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر