لۇكاس بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر ھەققىدە توختالدى

لۇكاس پېترىدىس مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، رايوندىكى ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك سەۋىيەگە يېتىپ قالغانلىقىنى ھەمدە جىددىي ياردەمگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

241109
لۇكاس بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىزىل كرېست كومىتېتى ھەيئىتى باشلىقى لۇكاس پېترىدىس، دىففادا بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېترىدىس مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، رايوندىكى ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك سەۋىيەگە يېتىپ قالغانلىقىنى ھەمدە جىددىي ياردەمگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.
ھەيئەت باشلىقى پېترىدىس، قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرى ياردەم قىلىۋاتقان دىففا دوختۇرخانىسىدىمۇ قوراللىق ۋە بومبا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يارىدار بولغان 110 كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
نېگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ 6 - فېۋرالدىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 350 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 16 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر