كانادادا ياغلىق سەۋەبىدىن سوت توختىتىلدى

ئەرزدار مۇسۇلمان ئايال ئادۋوكات تۇتىدىغان پۇلى بولمىغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقادى يۈزىسىدىن ياغلىقىنى ئېلىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

240247
كانادادا ياغلىق سەۋەبىدىن سوت توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ كۇبېك ئىشتاتىدا بىر سوتچى، سوت جەريانىدا ئەرزدار مۇسۇلمان ئايالنىڭ بېشىدا ياغلىقى بولغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، دەۋا سوراشنى رەت قىلدى.
سوتچى سوت ئىچىدىكى كىيىم – كېچەك، ئىنتىزام - تەرتىپىنى ئەسلىتىپ، ئەرزدار ئايالنىڭ ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشى ياكى سوتقا ئادۋوكات ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئەرزدار مۇسۇلمان ئايال ئادۋوكات تۇتىدىغان پۇلى بولمىغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقادى يۈزىسىدىن  ياغلىقىنى ئېلىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن سوتچى سوتنى توختىتىپ دەۋانى مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇسۇلمان قانۇنشۇناس سامىر زۇبەير، مەركىزى مونتېرىيالدا تۇرۇشلۇق كانادا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشتاتلىق سوت مەھكىسمىسىدە ئونلىغان يىللاردىن بۇيان يەھۇدىيلار سېلىنجىلىرى بىلەن ۋە مۇسۇلمان ئاياللار ياغلىقى بىلەن كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مۇسۇلمان قانۇنشۇناس سامىر زۇبەير، «سوتچى بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ، دەپ قارايمەن. مۇسۇلمان بىر ئايالنىڭ سوتقا ياغلىقى بىلەن كىرەلمىگەنلىكى تۇنجى ئىش بولدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر