يەھۇدىي ئاشقۇنلار بىر جامەگە ئوت قويۇپ بەردى

جامەنىڭ دەرىزىلىرىنى چىقىپ تاشلىغان يەھۇدىي ئاشقۇنلار جامىنىڭ ئىچىگە ئوت ئالىدىغان ماددىلارنى ئاتتى.

237293
يەھۇدىي ئاشقۇنلار بىر جامەگە ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىيۇردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەيتۇل لاھىم شەھىرى ئەتراپىدا بىر جامەگە يەھۇدىي ئاشقۇنلار تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلدى.
جەبە يېزىسىدىكى جامە تاڭ سەھەردە ئوت قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. جامەنىڭ دەرىزىلىرىنى چىقىپ تاشلىغان يەھۇدىي ئاشقۇنلار جامىنىڭ ئىچىگە ئوت ئالىدىغان ماددىلارنى ئاتتى.
جامەنىڭ تېمىغا يەھۇدىيلىققا ئائىت سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى سىزغاندىن سىرت ئىبرانىچە «ئىنتىقام ئالىمىز» دېگەندەك نەپرەتلىك سۆزلەرنىمۇ يازىشتى.
جامەگە ھۇجۇم قىلغان يەھۇدىيلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر