فىرانسىيەدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەنسىزلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

فىرانسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەنسىزلىكى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

237280
فىرانسىيەدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەنسىزلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پارىژ ئاسمىنىدا تۈنۈگۈن كېچە يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆرۈلۈشى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

ئۆتكەن ئاي مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلغان پارىژدا، ئالدىنقى كۈنى كەچتە يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەلچىخانىسى، فىرانسىيە ھەربىي مۇزېي، ئېيفىل مۇنارى ۋە مۇھىم مەيدانلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن كەم دېگەندىمۇ 5 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بايقالغانىدى. ئايروپىلانلارنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى ياكى نېمە مەقسەتتە ئۇچۇرۇلغانلىقى بىر مۇئەمما سۈپىتىدە تۇرماقتا.

فىرانسىيە قانۇنلىرىغا كۆرە، قانۇندا كۆرسىتىلگەن سەزگۈر جايلاردا ئەسكىرىي بولمىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۇچقۇزۇش مەنئىي قىلىنىدۇ.

ئۆتكەن يىلى فىرانسىيەدىكى بەزى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ئۈستىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچقانلىقى ئېنىقلانغان، لېكىن ئۇنى كىمنىڭ يوللىغانلىقى ئېنىقلىنالمىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر