«ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمايۋاتىمىز»

جون كېررىي ئىران بىلەن يادرو مەسىلىدە پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

229442
«ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمايۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، يادرو مۇزاكىرىلىرى مەسىلىسىدە ئىران بىلەن ھېلىھەم پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى يادرو مۇزاكىرىلىرىگە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفمۇ قاتنىشىدۇ. ئىران ۋە ئامېرىكىدىن باشقا مۇزاكىرىلەرگە رۇسىيە، خىتاي، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جەنۋەدىكى پىرىزىدېنت ۋىلسون مېھمانخانىسىدا جۈمە كۈنى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەرگە ياۋروپا تاشقى ئالاقە ۋە ھەرىكەت باشقارمىسى مۇئاۋىن باشلىقى ھېلگا سىھمىندتمۇ قاتناشتى.
ئىران بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي بەش ئەزاسى ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان مۇزاكىرىلەر، كېلىشىم ھاسىل قىلىنالماسلىق سەۋەبىدىن 2015-يىلى 1-ئىيۇلغا ئۇزارتىلغانىدى.
يادرو مۇزاكىرلىرىنىڭ ئاخىرقى يىغىنى ئىران، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 29-يانۋاردا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر