نىگېرىيە ئىستراتېگىيەلىك شەھەر باگانى بوكو ھارامدىن قايتۇرۇۋالدى
نىگېرىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رايون باگا شەھىرىنى بوكو ھارامدىن قايتۇرۇپ ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئەسكەرلىرى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا بوكو ھارام قوراللىقلىرىنى چاد كۆلى بويىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رايون باگادىن چىقىرىۋەتتى. بوكو ھارام بېسىپ كىرگەندە ئېغىر قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان باگا ۋە ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى ۋەيرانچىلىق ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. بوكو ھارام بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى.
باگا شەھىرى بوكو ھارامغا قارشى تۇرۇشتا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، نىگېرىيە، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە قۇشۇنى مەزكۇر رايوندا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
بوكو ھارام قوراللىقلىرىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىككى يېزىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندىمۇ 34 ئادەم ئۆلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، چاد كۆلىنىڭ نىگېرغا تەۋە كارامگا ئارىلىدا بوكو ھارام بىلەن نىگېر ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 15 نەپىرى بوكو ھارام قوراللىقى بولۇپ، جەمئىي 23 ئادەم ئۆلدى.
رايوندىكى دۆلەتلەرگە ئېغىر خەۋپلەرنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان بوكو ھارام تەشكىلاتى كەم دېگەندىمۇ 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارالماقتا.
چاد، كامېرون، نىگېر ۋە نىگېرىيە يېقىنقى ھەپتىلەردە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى ئۆزئارا ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتكەنىدى.