ب د ت 2014 – يىللىق ئافغانىستان دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2014 – يىلى ئافغانىستاندا توقۇنۇش ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى.

221743
ب د ت 2014 – يىللىق ئافغانىستان دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت تەييارلىغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2014 – يىلى ئافغانىستاندا توقۇنۇش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ نىسبىتى 2013 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %22 ئاشقان بولۇپ، 3699 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6849 پۇقرا يارىلانغان. بۇ سان ب د ت 2009 – يىلىدىن باشلاپ قىلىۋاتقان ئىستاتىستىكا رەقەملىرىگە سېلىشتۇرغاندىمۇ يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولۇپ قالغان.
دوكلاتتا، يول بويلىرىغا كۆمۈلگەن بومبا ۋە توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. پۇقرالار ئۆلۈمىنىڭ %72 گە تالىبان، %14 گە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، %2 گە خەلقئارالىق قىسىملارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلدى.
2014 – يىلى ئافغانىستان ئارمىيەسى 5 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. 2001 – يىلدىن ھازىرغىچە خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 3500 گە يەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر