ياپونىيەدە يەر تەۋرىدى
ياپونىيەنىڭ شىمالىي رايونىدا بۈگۈن كېچە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دېڭىز بورىنى سىگنالى بېرىلدى.
220471
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ شىمالىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى؛ يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىۋاتې رايونىدا بېرىلگەن دېڭىز بورىنى سىگنالى كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
تۈركىيە ۋاقتى كېچە سائەت 1 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ ياپونىيە دېڭىز قىرغىقا 210 كىلومېتىر كېلىدىغان يەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
2011- يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن مەزكۇر رايوندا شىددەتلىك دېڭىز بورىنى چىقىپ، 18 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.