ئۇكرائىنادا ئاخىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

218977
ئۇكرائىنادا ئاخىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا مەركىزى ھاكىمىيەت بىلەن بۆلگۈنچى رۇس كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
ئالدىنقى سەپتىن كەلگەن خەۋەرلەر تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. بۆلگۈنچى رۇس كۈچلەرنىڭ قەلئەسى بولغان دونېتسىكتە كېچە سائەت بىردە بىر ئىككى قېتىم ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، بىراق ئەندىشە قىلغۇدەك ئىش بولمىدى.
مىنسك كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاپ ئارىدىن 48 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئېلىپ ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىشى كېرەك.
پەيشەنبە كۈنى بىلاروسىيەنىڭ پايتەختى مىنىستكتە نورماندىيە تۆت تەرەپ گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدىغان رۇسىيە، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
كېلىشىم ئۇكرائىنادا 10 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە 5000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا، ئۇرۇش توختىتىشنى، ئارقىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈلۈشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.
بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە گېرمانىيە باش مىنسىتىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئوباما بىلەن مېركېل، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە باشلىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى رەھبەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن تەرەپلەرنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر