ئامېرىكىدا ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر مۇسۇلمان ياش دەپنە قىلىندى.

شىمالىي كەرېلاينې ئىشتاتىدا ئالدىنقى كۈنى ئۆز ئۆيلىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان 3 نەپەر مۇسۇلمان ياش دەپنە قىلىندى.

217786
 ئامېرىكىدا ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر مۇسۇلمان ياش دەپنە قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىنازا مۇراسىمىغا قۇربانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىدىن سىرت يەنە، شىمالىي كەرېلاينې ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، چەپېل ھىل يېزىسى ئاھالىسى ۋە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 مىڭغا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
جىنازا نامىزى ھارپىسىدا ئوقۇغۇچىلار نىشان قىلىنغان قەتلىئام قاتتىق ئەيىبلەندى، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ دۆلەتتە مودىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، ۋەقەنى يېتەرلىك دەرىجىدە خەۋەر قىلمىغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تاراتقۇلىرى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى BBC باش مەركىزىنىڭ ئالدىدا يۈزلەرچە مۇسۇلمان ئاخبارات ۋاستىلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار، «مۇسۇلمانلارغا تېررورىست قالپىقى كىيگۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلسۇن»، «مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىرىمۇ قىممەتلىك»، «ئىسلام دۈشمەنلىكىنى قوبۇل قىلمايمىز»، «ئىسلام دۈشمەنلىكى يوقالسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
BBC ئۆتكەن يىلمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى جەريانىدا «ئىسرائىلىيەنى قوللاپ خەۋەر تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئون مىڭلارچە كىشى BBC بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر