ئۇكرائىنا ئالاقە گۇرۇپپىسى بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسىكتە توپلاندى

مىنسىك يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشتى.

216177
ئۇكرائىنا ئالاقە گۇرۇپپىسى بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسىكتە توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەپەرەسلەردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ۋەكىللىرى تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن بىر يەرگە توپلاندى. ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان يىغىندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدى. ئۇچرىشىشقا، ئۇكرائىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى لېئونىد كۇچما، رۇسىيەنىڭ كىيېۋدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىخائىل زۇرابوۋ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىيېۋدىكى ۋەكىلى ھېيدى تاگلىياۋىنى، رۇسىيەپەرەسلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان دونېتسىك بىلەن لۇھانسىك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى دېنىس پۇشىلىن بىلەن ۋلادىسلاۋ دېينېگو قاتناشتى.
يىغىندا، تەرەپلەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن بىرگە، رايوننىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىن زوراۋانلىق خەۋەرلىرى ئارقىمۇ ئارقا كەلمەكتە. دونېتسىكتىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ جەرياندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما مىنسىك يىغىنىدىن بۇرۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئوباما پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. ئۇ رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرنى ئەسكەر، قورال - ياراغ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، بۇنىڭ رۇسىيەگە قىممەتكە توختايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ پوروشېنكو بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىدە، شەرقتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى ۋە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر